ب ب س «ساقالسىز ۋە ھىجابسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق سۈرەتلىك خەۋەر ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-20
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

18-مارت كۈنى ب ب س نىڭ ئاسىيا خەۋەرلىرى سەھىپىسىدە «ساقالسىز ۋە ھىجابسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق مەخسۇس بىر سۈرەتلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغان.

ب ب س نىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان مۇخبىرلىرىنىڭ نەق مەيداندىن ئالغان سىن ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بۇ سۈرەتلىك خەۋەردە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئاستىدىكى كۈندىلىك ھاياتى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.

خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىن نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى ئالغان مەزكۇر سۈرەتلىك خەۋەردە ئۆتكەن ئايدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن گۇما ناھىيەسىنىڭ قاتمۇ-قات ساقچى ۋە تەكشۈرۈش توساقلىرىنىڭ قورشاۋىغا ئېلىنغان جىددىي كەيپىياتى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

خەۋەردە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئىبارەت بۇ «ساقچى دۆلىتى» نىڭ يۇقىرى بېسىملىق تەقىبى ۋە دىنىي چەكلىمىسى ئاستىدا «ساقالسىز، ھىجابسىز» ياشاۋاتقانلىقى، مەسچىتلەرگە بولغان كونتروللۇقنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ب ب س تارقاتقان مەزكۇر سۈرەتلىك خەۋەرنىڭ 14-فېۋرالدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن خوتەنگە بارالىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ نەق مەيدان خەۋىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت