كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى تاقاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.11

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 11‏-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى تاقاشقا، بۇ مەركەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدە ئومۇمىي يۈزلۈك بۇ خىل «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى ئېچىپ، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يىغىۋالغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا نىشانلىق خىتاي كىملىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلات ئۆز باياناتىدا يەنە خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور سوفىيە رىچاردسوننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «خىتاي دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك ئەمەس، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ،» دېگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ سولانغانلىقى، ئۇلارنى قانداق قانۇنى ئاساسلارغا تايىنىپ سولىغانلىقى ۋە قانچىلىك ئۇزۇن سولايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىپ باقمىدى. دوكتور رىچاردسون خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا يەنە «ھۆكۈمەت بۇ كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشقا ھېچقانداق بىر ئىشەنچلىك سەۋەب كۆرسىتىپ باقمىدى. ئۇلار دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ھەمدە بۇنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر باياناتىدا يەنە «خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 37 ماددىسىدا ھەرقانداق كىشىنى قولغا ئېلىش تەپتىش ياكى سوتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك دېيىلگەن. بىراق سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسىگە تەپتىش ياكى سوت ئارىلاشقاندەك قىلمايدۇ،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.