چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-07-16
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە سىياسىيونلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چەتئەللەردىكى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتلارمۇ ليۇ شاۋبونى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. 15-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە 400 دىن ئارتۇق خىتاي دېموكراتىك زاتلىرى، تىبەتلەر ۋە تەيۋەنلىكلەر بىرلىكتە تەزىيە ۋە خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مۇراسىمدا 1989-يىلىدىكى بېيجىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋاڭ دەن ليۇ شاۋبو خاتىرىسىگە ئائىت 8 تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇ، مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى كوچىنى «ليۇ شاۋبو كوچىسى» دەپ ئاتاشنى ۋە ليۇ شاۋبوغا زىيانكەشلىك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان «ليۇ شاۋبو قانۇنى» نى تەستىقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىر قىسىم دۆلەتلەر قاتارىدا ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ يەكشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شاغا قارىتىلغان تەقىبلەشنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.

تولۇق بەت