تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىش بويىچە 5 تۈرلۈك چارە ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.07.29

تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 27-ئىيۇل كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەھەر تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدىكى ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىش بويىچە 5 تۈرلۈك چارە ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا ئالدى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ «دۆلەت تىلى»، يەنى خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى كۈچەيتىش، شۇ ئارقىلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا دۆلەت تىلى قوللىنىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا خىتاي تىلى سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان 197 نەپەر كىشىنىڭ تۇرپان تەۋەسىدىكى مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئۆلچەمگە يەتمىگەن 69 نەپەر مەكتەپ رەھبىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا «دۆلەت تىلى سەۋىيىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان نامزاتلارنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئۆستۈرۈش؛ دۆلەت تىلىدا دەرس ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئوتتۇرا قاتلام كادىرلار سېپىگە كىرگۈزۈش؛ دۆلەت تىلىدا تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى كۈندە ئاز دېگەندە بىر سائەت دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش؛ دۆلەت تىلى سەۋىيىسى كۈچلۈك بولغان ياش ئوقۇتقۇچىلارنى كەلگۈسىدىكى ئۆستۈرۈش ئوبېكتى قىلىپ بېكىتىش؛ دۆلەت تىلى سەۋىيىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىللىق خىزمىتىنى باھالاشتىكى مۇھىم شەرت قىلىش» قاتارلىق 5 چارە كۆرسىتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.