خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» نامىدا ئامېرىكىغا بىر ئۆمەك ئەۋەتكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.10.29

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكى» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇپپا ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا يېتىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن تېكساس شتاتىدىكى خيوستون شەھىرىدە ئىككى كۈنلۈك پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

خىتايدا تارقىتىلىدىغان «چىنا دائىلي»، يەنى، «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورگان مەتبۇئاتى بولغان «تەڭرى تاغ» تورى قاتارلىقلار بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقان.

«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زۇ فېڭ يېتەكچىلىكىدىكى مەزكۇر ئۆمەك خيوستون شەھىرىگە جايلاشقان ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ تېكساس مەركىزى ۋە تېكساستىكى ساينت توماس ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىككى ئورۇندا شۇ جايدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەم شۇ جايدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن. ئۇلار بۇ پائالىيەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان دىنى، مىللىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. 

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» ئىنگلىزچە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمەك باشلىقى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زۇ فېڭ ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ تېكساس مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىدىكى مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ساھەلەر، بولۇپمۇ ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ۋە ئاممىنىڭ «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنى» چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

ئامېرىكىدا خىتاي تىلىدا تارقىتىلىدىغان بەزى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن مەزكۇر بەش كىشىلىك «خىتاي شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» تەركىبىدىن ئالىمجان ياسىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئورۇن ئالغان. 

خىتاينىڭ مەزكۇر «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» خيوستونغا يېتىپ كېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنى، مىللىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات سىياسەتلىرى تەشۋىقاتىنى باشلىغان، 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنى ۋە سىياسىي ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەتتا خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەردە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن جېيمىس مەكگاۋېرن ۋە راندىي خالتگرېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن مەزكۇر ئۆمەك نيۇيورك شەھىرى ۋە كانادانىڭ تورونتو، ئوتتاۋا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئوخشاش خىلدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.