ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نيۇ يورك شەھىرىدە خىتاي تەشۋىقاتىنى داۋام ئەتتۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.31

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتايلار ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكى» ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى.

مەزكۇر ئۆمەك تېكساس شتاتىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن نيۇ يورك شەھىرىگە كەلگەن ۋە بۇ جايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار سىياسىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى داۋام قىلىشقا باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆمەك باشلىقى زو فېڭ «شەرقىي قىرغاق خىتاي جەمئىيەتلىرى ئىتتىپاقى» قاتارلىق تەشكىلاتتىكىلەرگە «شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىش» ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش ساھەسىدە، شۇنىڭدەك ئىنسان ھەقلىرى ۋە مىللىي، دىنىي سىياسەتلەر ھەققىدە قانداق «زور تەرەققىياتلار» غا ئىگە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۆمەكنىڭ بۇ قېتىمقى يەنە بىر مۇھىم تەشۋىقات تېمىسى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىكى «كۆزنەك» لىك رولى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق زور پۇرسەتلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى ئىكەن.

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ خىلدىكى ئۆمەكلەر غەرب دۇنياسىغا ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدە خاتا ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ‹ھەققانىي› ئىكەنلىكىگە جامائەت پىكرى توپلاشنى مەقسەت قىلغان» دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.