سانجى ئوبلاستىدا 5 نەپەر خرىستىئان مۇرىتى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئۆز مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-04-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر رايونىنىڭ سانجى شەھىرىدە «ئادەم توپلاپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش» بىلەن سوتلانغان 5 نەپەر خىتاي خرىستىئان مۇرىتى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مۇرىتلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، سانجى شەھەرلىك سوت 13‏-ئاپرېل ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇرىتلاردىن ئىككىسىنى 5 يىللىق، بىرىنى 4 يىللىق، قالغان ئىككى نەپىرىنى 3 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان.

دائىرىلەر بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىلە خرىستىئان چېركاۋ ئەزالىرىنى مۇسۇلمان دىنىي زاتلىرىغا ۋە مۇخلىسلىرىغا قارىغاندا كۆپ يېنىك جازالاپ كەلگەن. بۇرۇن ئۇلارنى تۇتۇۋالسا، كۆپ ھاللاردا 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش، جەرىمانە قويۇش ياكى «تەربىيە بېرىپ» قويۇپ بېرىشتەك چارىلەرنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن دائىرىلەر 2016- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلە چېركاۋ ئەزالىرىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلىرى» نى بايقىسا، قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

سانجى شەھەرلىك سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە، ياڭ، ۋاڭ، چېڭ، جېن ۋە ليۇ فامىلىلىك بۇ 5 نەپەر مۇرىتنىڭ «ئادەم توپلاپ، قانۇنسىز ئىنجىل ئوقۇش، تەبلىغ قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلەتنىڭ دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامىغا خىلاپلىق قىلغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇرىتلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 5 نەپەر مۇخلىس 40 تەك مۇرىت بىلەن جېن فامىلىلىك مۇخلىسنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنغان.

مۇرىتلارنىڭ ئادۋوكاتى، ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت