ئۇيغۇر رايونىدا «مىڭكاۋخەنلەر» گە نومۇر قوشۇپ بېرىشنى بىكار قىلدى

ئۆز مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-04-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر رايونى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى خىتايچە بېرىدىغان يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى‏-«مىڭكاۋخەنلەر» گە نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈزۈمىنى بىكار قىلغان.

خىتاي «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نومۇر قوشۇپ بېرىشنى بىكار قىلىش بۇ يىل 6‏-ئايدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان «مىڭكاۋخەنلەر» دىن باشلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش، دېگەن نامدا خىتايچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا 50 نومۇر قوشۇپ بېرەتتى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ سىياسەت ھەر يىلى ناھايىتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار بەھرىمەن بولىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك سىياسەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى قوغداۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ سىياسەت يەنە ھەر ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن. ئۇلار بۇ تۈزۈم «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پايدىلىق ئادالەتسىز رىقابەت پەيدا قىلدى» دەپ شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ تۈزۈمنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغانلىقى ياكى نومۇر قوشۇپ بېرىشنى تەڭشەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى تۈزۈم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ بېيجىڭ، سەندوڭ قاتارلىق 6 ئۆلكە ۋە شەھىرىدە يولغا قويۇلغان.

سەندوڭ قاتارلىق ئۆلكىلەر نومۇر قوشۇپ بېرىشنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغان. پەقەت بېيجىڭ شەھىرى تولۇق ئوتتۇرىنى بېيجىڭدا پۈتتۈرۈپ، ئىمتىھاندا 750 نومۇر ئالغان «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىلىرىغا 5 نومۇر قوشۇپ بېرىشنى يولغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت