ۋىلبۇر رۇس: «بىز خىتاي بىلەن تەڭپۇڭسىز سودا مۇناسىۋىتىدە بولمايمىز!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-09-27
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

بۈگۈن خىتايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر رۇس ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە بىر تەرەپلىمە بولغان تەڭپۇڭسىز ھالەتكە خاتىمە بېرىش لازىملىقىنى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن تىلغا ئالدى.

«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن سۆھبەتتە بولغان ۋىلبۇر رۇس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز تۈپلۈك بولغان بىر ئۆزگىرىشكە موھتاج. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭپۇڭسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈردۇق دەپ قارايمەن،» دېگەن.

ۋىلبۇر رۇس ئىزچىل ھالدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى سودا قىزىل رەقىمىگە بوغۇپ قويدى» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئۇ بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا پەرقىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ دېھقانچىلىق، بانكا سىستېمىسى ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسى بويىچە ئامېرىكا كارخانىلىرىغا تېخىمۇ چوڭ بازار بوشلۇقى بەرگەنلىكىنى «قول يېتىدىغان مېۋە» دەپ ئاتىغان ۋىلبۇر رۇس، «بىز تېخىمۇ قاتتىق، چوڭراق ۋە رەسمىي بولغان ساھەلەرگە يۈرۈش قىلىۋاتىمىز،» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى خىتاي سىياسىتى ھەققىدە قاتتىق ۋەزىندە سۆز قىلغان ئىدى. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋىلبۇر روسنىڭ بۈگۈنكى سۆزلىرىنى شۇ سۆزلەرنىڭ ئەكس ساداسى، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت