ئۇيغۇر دىيارىدا «تۆتنى قاتتىق باشقۇرۇش» تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.16

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەر «50 كۈن قاتتىق ئىشلەش، ‹ئۈچ چىقماسلىق› نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش» شامىلىنى قوزغاپ، «چوڭ ئىش چىقماسلىق، ئوتتۇرا ھال ئىش چىقماسلىق، كىچىك ئىشمۇ چىقماسلىق» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە «‹تۆتنى قاتتىق باشقۇرۇش› چارىسى»نىڭ پۈتۈن رايون مىقياسىدا ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ھازىر پۈتكۈل رايون مىقياسىدا تۈرمىلەرنى، يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىنى، تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ۋە «ياۋا ئاخۇنلارنى تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى قاتتىق باشقۇرۇش چارىسى ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىسىز ئۆز ئالدىغا دىنىي پائالىيەت قىلغانلىقى ئۈچۈن «ياۋا ئاخۇن» دەپ ئاتالغان دىنىي زاتلارغا بولغان نازارەت كۈچەيگەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ھازىر ھۆكۈمەت يىغىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، بۇ خىل يىغىۋېلىش ئورۇنلىرى يېتىشمەي قالغاچقا بۇ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مالىمان چىقىرىش ئېھتىماللىقى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.