خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيە تېزىسى» ماقۇللىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.01.26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى 24-يانۋار كۈنى «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيە تېزىسى» ماقۇللىغان.

ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو جەمئىيىتىدە ۋە ئىقتىسادىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ئالدىن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن كۆرۈش تەس بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى خەتەر ۋە خىرىسلار مىسلىسىز كۈچەيمەكتە. شۇڭا خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا، خەۋپ-خەتەرنىمۇ ئويلاش كېرەك. «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيە تېزىسى» نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش-دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

ئۇنىڭدا يەنە خىتايدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى، سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى تەلەپ قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەزكۇر تېزىسنى ماقۇللىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى ئىچكى جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي خىرىسنى ھېس قىلغانلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشى ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.