خەلقئارا كرىدىت باھالاش ئورگىنى خىتاينىڭ كرىدىت دەرىجىسىنى چۈشۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-22
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

«ستاندارت ۋە پۇر» س&پ ناملىق خەلقئارا كرىدىت باھالاش ئورگىنى پەيشەنبە كۈنى خىتايدا ئىقتىسادى ۋە پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ خەۋپى كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ كرىدىتىنى بىر دەرىجىدە چۈشۈرۈۋەتكەن. خىتاينىڭ كرىدىت دەرىجىسى ئەسلى پىلۇس ئاا بولۇپ، «ستاندارت ۋە پۇر» ناملىق كرىدىت ئورگىنى ئۇنىڭ دەرىجىسىنى پىلۇس ئا غا چۈشۈرۈپ قويغان.

مەزكۇر ئورگان پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرزنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي-مالىيە كرىزىسى خەۋپىنى كۈچەيتتى دېگەن خۇلاسىغا كەلگەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ»، دېگەن ئىدى. بىراق مەزكۇر ئورگاننىڭ قارارى دەرھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.

خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئۆز تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر ئورگاننىڭ خىتاينىڭ كرىدىت دەرىجىسىنى چۈشۈرۈشى «خاتا قارار» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئاساسىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ باياناتىدا، «خىتاي ئېھتىيات بىلەن قەرز بېرىش، ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىنى كۈچەيتىش ۋە كرىدىت خەۋپىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىيالايدۇ»، دەپ تەكىتلىگەن.

بىراق «ستاندارت ۋە پۇر» جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ قەرزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ كۈتكەندەك تېز ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ قەرزىنىڭ داۋاملىق تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بانكا قەرزىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قەرزى داۋاملىق كۆپىيىپ ماڭغان.

ئانالىزچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاينىڭ بانكا قەرزى ۋە ئومۇمىي ئىجتىمائىي سېلىنمىسى بۇ يىل يەنە رېكورت يارىتىشى مۇمكىن. رويتېرزنىڭ جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، خىتاي بانكىلىرىنىڭ 2016‏-يىلى تارقاتقان قەرز پۇلى بىر تىرىليون 840 مىليارد دوللارغا، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي سېلىنمىسى 2 تىرىليۇن 70 مىليارد دوللارغا يېتىپ رېكورت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت