خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.15

خىتاي بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى شىمالىي كورېيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان بوخەي دېڭىزى قولتۇقىدا دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئېلىپ بارماقچىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ھازىرغا قەدەر مانىۋېرنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئۇنىڭ كىمگە قارىتىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆپ تىلغا ئېلىنمىغان. رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا مانىۋېرنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، مانېۋىر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن جەنۇبىي كورېيە ياكى ياپونىيەنىڭ ھېچبىرىگە قارىتىلمىغان ئىكەن. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە ھاۋا ئارمىيەلىرى يېقىندا بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىملىق مانىۋېرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغانلىقىنىڭ ئېھتىماللىقى زور ئىكەن.

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي بۇ مانېۋىر ئارقىلىق شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇننى سوغۇققان بولۇشقا شۇنداقلا شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، مۆتىدىل بىر ھۆكۈمەت قۇرسا ئۇنى قوللايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلارغا مۇساپىرلار لاگىرلىرىنى قۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. خىتاي يېقىندىن بۇيان شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سودىغا چەكلىمە قويغان. بېيجىڭ بىلەن پىيوڭياڭ ئارىسىدىكى ئايروپىلان قاتنىشىنى بىكار قىلغان ئىدى.

بۈگۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن چاقىرىپ، شىمالىي كورېيەگە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېمبارگو قويۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرىشىچە، يىغىندا رۇسىيە يىغىننىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى قارار ماقۇللىشىنى توسۇشى، لېكىن خىتاينىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.