خىتاينىڭ «دۆلەت مارشى قانۇنى» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.01

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى قانۇن چىقىرىپ، خىتاينىڭ دۆلەت مارشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى «جىنايەت» دەپ بېكىتكەن. بىراق بۇ قانۇن خوڭكوڭ دېموكراتلىرىنىڭ ۋە د ئۇ ق نىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قانۇندا خىتاي دۆلەت مارشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلار 15 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

ئۇنىڭدا، دۆلەت مارشى چېلىنغاندا ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا مۇزىكا قويۇش، ئېلان سەنئىتى بېرىش، دۆلەت مارشىنى دەپنە مۇراسىمى ۋە باشقا نامۇۋاپىق سورۇنلاردا چېلىش ياكى ئۇنىڭ تېكىستىنى قەستەن ئۆزگەرتىش، بۇرمىلاش، كەمسىتىش مەنئى قىلىنىپ، بۇنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ياكى 15 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ قانۇن «دۆلەت مارشىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداپ»، «ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىدۇ» دېگەن.

بىراق مەزكۇر قانۇن د ئۇ ق ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي خوڭكوڭ دېموكراتلىرىمۇ ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ زېڭ جۈمە كۈنى بۇ قانۇننىڭ ئوخشاشلا خوڭكوڭ بىلەن ئاۋمېندا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوڭكوڭ دېموكراتىك پارلامېنت ئەزاسى تانىيە چېن، «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك قوغدالغان خوڭكوڭ قانۇنلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «خەلقنىڭ ئەندىشە قىلىش ھەقلىق» دېگەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت جۈمە كۈنى مەزكۇر قانۇنغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ قانۇن ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ ئېغىر سۇيىئىستېمالغا ئۇچرايدۇ. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كۆزگە قادالغان ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ جازالاش ئېھتىمالى مەۋجۇت» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزىلاردا دېھقانلارنى ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىپ، دۆلەت مارشى ئوقۇش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.