خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
2017.01.23
بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سۇ روڭنىڭ «پارىخورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ب ب س نىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سۇ روڭ 2002-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان جەرياندا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، 116 مىليون يۈەن پارا يېگەنلىكى مەلۇم بولغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى سۇ روڭنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، سوتنىڭ ھۆكۈمىگە بوي سۇنىدىغانلىقىنى ۋە ئالىي سوتقا قايتا ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، سۇ روڭ جوۋ يوڭكاڭنىڭ دېلوسىدىن كېيىن، يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تورغا چۈشكەن «دۆلەت رەھبىرى» دەرىجىسىدىكى ئەمەلدار ئىكەن.
سۇ روڭ خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدىن ئۆسكەن بولۇپ، 1992-يىلى ئۇ 44 يېشىدا مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پەلەمپەيسىمان يۇقىرىغا ئۆرلەپ، ئىلگىرى-كېيىن چىڭخەي، گەنسۇ ۋە جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوملارنىڭ سېكرېتارى بولغان. بىر مەزگىل خىتاي مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2013-يىلى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، «دۆلەت رەھبىرى» سېپىگە كىرگەن ئىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى سۇ روڭنىڭ جوۋ يوڭكاڭ گۇرۇھى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىشارە قىلماقتىكەن.