خىتاي دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈشكە يوللاندى
2016.01.26
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىنىڭ 26-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ باۋئەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پەقەت يۇقىرىقى بىر جۈملە ئۇچۇرنىلا ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋاڭ باۋئەننىڭ نېمە سەۋەبتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە كونكرېت توختالمىغان.
خەلقئارا تاراتقۇلاردىن ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ باۋئەننىڭ خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشىدىن بىرنەچچە سائەت ئىلگىرى ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى ھەققىدىكى بىر يىغىندا مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلان قىلىنىشىدىن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.