خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جيەن پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن تەكشۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

شى جىنپىڭنىڭ «پارىخورلۇق» ۋە «چىرىكلىك» كە قارشى تازىلاش ھەرىكىتى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە «ئوۋلاش نىشانى» قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جيەن تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

خىتاي مەملىكەتلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما جيەننىڭ دېلوسى نۆۋەتتە «مەجبۇرىي ۋاسىتە» قوللىنىپ دېلوسىنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ما جيەن 2006-يىلىدىن بۇيان خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ساھەسىگە مەسئۇل بولغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ما جيەننىڭ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سودا-تىجارىتىگە يول ئېچىپ بېرىش، چەتئەلگە پۇل يۆتكەش، بېيجىڭدا 6 جايدا ھەشەمەتلىك داچا سېلىش ۋە ھۆكۈمەت راسخوتى بىلەن 6 ئاشنىسىنى بېقىشتەك بىر قاتار «جىنايى قىلمىشلىرى» نى ئاشكارىلىغان.

ما جيەن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جۇ يۈڭكاڭغا باغلاپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت