ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارلار بېيجىڭدىكى «ئوردا كۈرىشى» نىڭ قۇربانلرىغا ئايلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-04-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

«بۈيۈك ئېرا» تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىرنەچچە ئەمەلدار، جۈملىدىن ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لى جيەنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سېكرېتارى لى بىن قاتارلىقلار «خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ زور مىقداردا پارا يېگەن» دېگەن ئەيىبلەشلەر بىلەن 10 يىللىق ۋە 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە بۇ ئىككىيلەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىللەردە ئون نەچچە مىليون سوم پارا ئالغان، ئۇلارنىڭ قاماق جازاسىغا ئۇچرىشىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي مۇھىت بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

«بۈيۈك ئېرا» تورىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر دىيارى ئىزچىل ھالدا بېيجىڭدىكى «جياڭ زېمىن گۇرۇھى» نىڭ ئۇۋىسى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئىككىيلەن جياڭ زېمىن گۇرۇھىدىكى غوللۇق ھوقۇقدارلاردىن جۇ يوڭكاڭ زامانىسىدە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، دەپ قارىلىۋاتقان ۋاڭ لېچۇەن ۋە جاڭ چۈنشيەننىڭ بىۋاسىتە قول تىقىشى بىلەن ئۆستۈرۈلگەنلەر ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنى خىتاي ئانالىزچىلىرى «شى جىنپىڭ يولغا قويۇۋاتقان جياڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن» دەپ قارىماقتا.

بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپلا ئۇيغۇرلار دىيارىدا جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدە ئۆستۈرۈلگەن كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، جۈملىدىن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات غوپۇرجان، ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات مەھمۇد، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇت، خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىجات ئاۋۇت قاتارلىقلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت