فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى سۇ شۇلىن «ئاتتىن غۇلىدى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.10.08

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چارشەنبە كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، ئۆلكە باشلىقى سۇ شۇلىننىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» بىلەن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. كومىتېتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە باشقا ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلمىگەن.

خىتاي خەلق گېزىتىدە ئېيتىشىچە، سۇ شۇلىن داچىڭ نېفىتلىكىدە ئىنژېنېرلىقتىن ئۆسۈپ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋە پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ، 2011-يىلى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.

سۇ شۇلىن شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشى بويىچە تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە غۇلاپ چۈشكەن ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ سانى 23 نەپەرگە يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.