ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.12.30

خىتاينىڭ خىيانەتلىككە قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى لى شاۋلىننىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى، تەپتىش مەھكىمىسى پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى لى شاۋلىن «ئىنتىمزاغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

خەۋەردە، لى شاۋلىننىڭ كونكرېت قانداق ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر كۆپ ھاللاردا بۇ خىل ئەيىبلەشنى ئاساسەن خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا قوللىنىدۇ. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «خەلق تورى‏‏»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، لى شاۋلىن 1959‏-يىلى شەنشىنىڭ ۋېينەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.

ئۇ ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتى ئەڭ سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى، قەشقەردە ئىشلىگەن. لى شاۋلىن ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ياكى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئاز ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى، دەپ ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك ھەرىكىتىگە كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ رايوندا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.