ئامېرىكادا بىر خىتاي ئايال ئالەم بوشلۇقى ئالاقە تېخنىكىسى ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-05-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

كالىفورنىيەلىك 32 ياشلىق ئايال كەتي چېن ئامېرىكانىڭ ئالەم بوشلۇقى ئالاقە سىستېمىسىغا ئالاقىدار نازۇك تېخنىكىلارنى ئەسلى پۇشتى بولغان خىتايغا ئەتكەس يول بىلەن ئېكسپورت قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇماندار كەتي چېننىڭ خىتايچە ئىسمى سى چېن بولۇپ، ئۇ ھەربىي ئالاقىدە قوللىنىدىغان «جاممەر» دەپ ئاتىلىدىغان ئەسۋابىمۇ ئىچىدە بولغان بىر قاتار نازۇك تېخنىك ئەسۋابلىرىدىن سېتىۋېلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئېكسپورت رۇخسىتى ئالماي تۇرۇپ خىتايغا يوللىغان. ئۇ، بۇ قىلمىشىنى 2013‏-يىل مارتتىن 2015-يىلى دېكابىرغا قەدەر داۋام قىلغان. ئۇ، يوللانما گرافىسىنى تولدۇرغاندا ئەسلى 100 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق بولغان بۇ ماتېرىياللارنىڭ قىممىتىنى 500 دوللار دەپ يازغان.

رويتىرسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كەتي چېن بۇ يىل 18-ئىيۇل كۈنى ئېچىلىدىغان سوتتا ئەتكەسچىلىك، قانۇنسىز شېرىكچىلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، كەتي چېن ھازىرغا قەدەر بۇ ئەيىبنامىنى رەت قىلىپ كەلگەن، ئەگەر سوتتا بۇ ئەيىبنامە كۈچكە ئىگە بولغان تەقدىردە، كەتي چېن 150 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

رويتىرىستا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئادۋوكات ساندرا برۋاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئېكسپورت قانۇنى بەزى نازۇك تېخنىكىلارنىڭ يامان قوللارغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ئامېرىكا مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت