خىتاينىڭ غەربتە كۆپىيىۋاتقان «قىزىل تەشۋىقات تاراتقۇلىرى» دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-11-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

10-نويابىر، «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىدا «خىتاينىڭ غەربتىكى قىزىل تەشۋىقاتى» تېمىسىدا مەخسۇس سۆھبەت تېمىسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور تۈركۈمدە مەبلەغ ئاجرىتىپ، چەتئەللەردە «شەخسلەر مەبلەغ سالغان»، «ئىجارىگە ئېلىنغان رادىئو ئوزۇلى ياكى تېلېۋىزىيە قانىلى» دېگەن ناملاردا «ئارقا تىرىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بولغان» ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان» تاراتقۇلارنى كۆپەيتىۋاتقانلىقى مۇنازىرە قىلىندى.

«ئامېرىكا ئاۋازىدا» بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، سۆھبەتكە قاتناشقان چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان بۇ خىل تاراتقۇلار تەشۋىقاتىنىڭ غەرب دېموكراتىك قىممەت قارىشىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۆتكەن ھەپتە رېيتېرس ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، غەربتىكى 14 دۆلەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل 33 رادىئو-تېلىۋىزىيە تاراتقۇسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت