خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى خىتاينى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى يېڭىلاش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
2015.10.08
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ئەگەر مالىيىسىگە ئائىت ئىسلاھاتلىرىنى دىققەت بىلەن، سىستېمىلىق قىلمىغان تەقدىردە، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان خەۋپلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار شۇنداقلا بۇ خەۋپنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
بىراق، خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ ئەمەلدارى يى گاڭ پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، بۇ تەشكىلاتنىڭ سۆزىگە ئانچە ئېتىبار بەرمىگەن ۋە «مەنچە ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق، خىتاي ئاز قالماي يەنە يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا سەۋىيىدىكى ئىقتىسادىي زورىيىشىنى داۋام قىلىدۇ» دېگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا، خىتاي ئەگەر دەرھال ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغان تەقدىردە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنىڭمۇ زور بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.