غۇلجىدا 1997‏-يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر خىتاي پۇقراسى يېقىندا «گۇناھسىز»، دەپ ئېلان قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.01

1997‏-يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر خىتاي پۇقراسى يېقىندا «گۇناھسىز»، دەپ ئېلان قىلىنغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جاۋ يۈەن ئىسىملىك بۇ خىتاي ياش ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى قاتتىق تەن جازاسى ئاستىدا مەجبۇرى ئىقرار قىلغان ئىكەن. بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن جاۋ يۈەن 1997‏-يىلى 5‏-ئايدا «باسقۇنچىلىق، قەستەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

لېكىن ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسى 2000‏-يىلى مۇددەتسىز قاماققا ئۆزگەرتىلىپ، 2011‏-يىلى 15 يىلغا قىسقارتىلغان. ئۇ 2012‏-يىلى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. جاۋ يۈەن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ناھەق جازالانغانلىقى، جىنايەتنى قاتتىق تەن جازاسى ئاستىدا مەجبۇرىي ئىقرار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. ئالىي سوت 2016‏-يىلى 11‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ مەزكۇر دېلونى قايتا كۆرۈپ چىقىشىنى بۇيرۇغان.

جاۋ يۈەننىڭ ئادۋوكاتى ۋاڭ شىنىڭ جۈمە كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ ئىلى ئوبلاستلىق شۆبىسى 30‏-نويابىر كۈنى جاۋ يۈەننى «گۇناھسىز»، دەپ ئېلان قىلغان. يۇقىرى سوت، جاۋ يۈەننىڭ «باسقۇنچىلىق، قەستەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش» جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىغا يېتەرلىك دەلىل يوقلۇقى، ئۇنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا جىنايەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا سوتنىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

جاۋ يۈەن خىتايدا تەن جازاسى ئاستىدا جىنايەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ياكى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۇنجى مەھبۇس ئەمەس. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خىتايدا بۇنداق ناھەق دېلولار كۆپ يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا چېتىشلىق بەزى ناھەق دېلولارنى ئاقلىغان بولسىمۇ، بىراق تەن جازاسى ئاستىدا ئىقرار قىلدۇرۇلۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان نۇرغۇن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ دېلولىرىغا كۆز يۇمۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.