بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ 22 ياشلىق قىزنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-05-09
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

پەيشەنبە كۈنى نۇرغۇنلىغان ساقچى بېيجىڭنىڭ جەنۇبىدىكى جىڭۋەن كىيىم - كېچەك بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە ئەتراپىدىكى كوچىلارنى مۇھاسىرىگە ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ، ساقچىلارنىڭ جىڭۋەن بازىرىدا چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ داۋام قىلىشىنى توساش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرى ئىكەن.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن قارىغاندا، ئەنخۇيدىن كېلىپ بېيجىڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان 22 ياشلىق بىر قىز ئالدىنقى كۈنى ئۆلۈك ھالدا بايقالغان. ساقچىلار ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنى بىنادىن ئېتىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئىنېرنېتتە ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەر ساقچىلارنىڭ جاۋابىنىڭ قانائەتلىنەرلىك ئەمەسلىكىنى، بۇ قىزنىڭ ئۆلۈۋالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە بىر گۇرۇپپا كىشىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نەتىجىدە، چارشەنبە كۈنى جىڭۋەن بازىرى ئەتراپىدىكى ئاققۇن ئىشچىلار ساقچىلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. قوراللىق، قورالسىز 100 دىن ئارتۇق ساقچى بىر تىك ئۇچارنىڭ نازارىتىدە نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تىركىشىش كېلىپ چىققان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ساقچىلار دېلو ھەققىدىكى پاكىتلارنى يوشۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمىنى قولغا ئېلىشى ۋە ئۇلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. بەزى ئاققۇن ئىشچىلار مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، ساقچىلارنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى گۇمانلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر دائىم ئاققۇن ئىشچىلارغا يەرلىكلەردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى شىكايەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت