خىتاي شىمالدىكى كۆمۈر قالاش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.12.09

شىمالىي خىتايدا تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىسسىنىش كرىزىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇ رايوندىكى كۆمۈر قالاشقا قارىتىلغان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھاۋا بۇلغىنىشىنى كېمەيتىش ئۈچۈن بۇ يىل قىشتىن باشلاپ شىمالىي خىتايدىكى بىر قىسىم رايونلاردا كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىشنى چەكلىگەن ئىدى. 

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ رايوندا كۆمۈر قالاشتىن تەبىئىي گاز ئارقىلىق ئىشىنىش سىستېمىسىغا كۆچۈش نەتىجىلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەتىجىدە مىليونلىغان ئادەم بۇ يىل قىشتا ئىسسىنىشتا قىيىنچىلىققا يولۇققان. 

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە يەنە كۆمۈردىن گازغا ئۆتۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ مەزكۇر رايونلاردا گاز يېتىشمەكلىك ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر دەرھال يەنىلا ئەسلىدىكى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش يولىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

ھەتتا خېبېي ئۆلكىسىدىكى بىر مەكتەپ سىنىپ سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن دەرسنى سىرتتا ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. 

شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بىر يوليورۇق ئېلان قىلىپ، «كۆمۈردىن توك ياكى گاز بىلەن ئىسسىنىشقا ئۆتۈش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ بولۇنمىغان رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ كۆمۈر قالىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھى رويتېرسقا بەرگەن مەلۇماتىدا ئەگەر بۇ يىل قىش بەك سوغۇق بولۇپ، كەتسە خىتايدا تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك ھادىسىسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«سودا ئىچكى خەۋەرلەر تورى» دا كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1950-يىلى «خۇەيخې دەرياسى سىياسىتى» ناملىق بىر سىياسەت تۈزۈپ چىقىپ، بۇ سىياسەت بويىچە خۇەيخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلارنى قىش پەسلىدە ئىسسىنىشقا بىكارلىق كۆمۈر بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ سىياسەت 1980-يىلىغىچە يۈرگۈزۈلگەن. كۆمۈر كۆيدۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلغىنىش شىمالىي خىتايدىكى 500 مىليون ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسى بۇ يىل ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاينىڭ شىمالىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى باشقا جايلاردىكىلەرگە قارىغاندا 3 يىل قىسقا بولىدىغانلىقى، بۇ رايونلاردىكى بۇلغىنىشنىڭ باشقا جايلارغا قارىغاندا 50 پىرسەنت يۇقىرىلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

خېبېي ئۆلكىسى خىتاينىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋە خىتاي بويىچە بۇلغانغان شەھەرلەر ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرى.

ئەمما، باش شتابى لوندونغا جايلاشقان ئېكولوگىيىلىك مۇھىت خەۋەرلەر تورى- «خىتاي دىئالوگى» ئۆتكەن يىلى ئىيۇندىكى بىر خەۋىرىدە يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلى ھاۋاسىدىكى بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى» شۇ يىلى 20-ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ غەربىي شەھەرلەرگە قاراپ كۆچۈۋاتقانلىقىنى، قەشقەر ۋە خوتەننىڭ خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەر تىزىملىكىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.