خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىغا 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.06.17

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىغا تاللانغان 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى مائارىپقا «ياردەم» بېرىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ رايونلارغا بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلاردىن 1 مىڭ 500 نەپىرى ئالدىنالا جايلاشتۇرۇپ بولۇنغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدە مەخسۇس بىر يىغىن ئېچىلغان. يىغىندا ئىككىنچى تۈركۈمدە يەنە بىر نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچى ھازىرلىنىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 4 مىڭ نەپىرى تاللىنىپ، يەرلىك رايونلارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتتىق تاللاش ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، تاللانغانلارنىڭ يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، تاللاش ئۆلچەملىرى ۋە تەربىيىلەش تۇرلىرى شەرھلەنمىگەن. 

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان بىر پارچە خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قوش تىل» مائارىپىغا يەنە 23 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى كېرەك ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلى «قوش تىل مائارىپىنىڭ تەكشى خاراكتېرلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن. 

ھالبۇكى، تۈنۈگۈنكى خەۋەردە بۇ 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ قاچانغىچە بۇ رايونلارغا يەرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ تۇرۇش مۇددىتى ۋە كونكرېت قايسى تۈردە تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن 23 مىڭ ئوقۇتقۇچى شتاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى كۆرسىتىلمىگەن. 

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «قوش تىل» يەسلىلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەندىن باشقا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە «قوش تىل» دا دەرس ئالىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 78 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.