خىتاي ئۆتكەن يىلى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن 800 دىن ئارتۇق قاچقۇننى قايتۇرۇپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-01-28
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى «چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلاردىن 857 كىشىنى قايتۇرۇپ كەلگەن» لىكىنى ئېلان قىلدى. ج خ مىنىستىرلىقى بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق 66 دۆلەت ۋە رايوندىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ 2014‏-يىلى باشلىغان «تۈلكە ئوۋلاش» ناملىق چەتئەلدىكى پارىخور ئەمەلدارلارنى تۇتۇش ھەرىكىتى بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ دۆلەتلەر خىتاي قانۇن خادىملىرىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا رۇخسەتسىز مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇ كىشىلەرنى قانداق قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن. پەقەت 366 كىشىنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى، 500 كىشىنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما، مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇ 500 كىشىنى قايسى ئورگاننىڭ قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۇلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى تىلغا ئالمىغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا، خىتاي ئاگېنتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ساياھەت، سودا ۋىزىسى بىلەن كىرىپ، نىشاندىكى كىشىلەرنى تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايغا قايتىپ كېتىشكە زورلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەينى چاغدا ئوباما ھۆكۈمىتى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بۇ ھەرىكىتىنى دەرھال توختاتمىسا، قانۇن خادىملىرىنىڭ ئۇ خىتاي ئاگېنتلىرىنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت