شى جىنپىڭ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر غېرىچ يەرنىڭمۇ قولدىن كېتىشىگە يول قويمايدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-08-01
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاۋغۇستتا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئارمىيە بايرىمى» خاتىرە پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر غېرىچ يەرنىڭمۇ قولدىن كېتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە شى جىنپىڭ «خەلق سارىيى» دىكى يىغىندا سۆز قىلىپ، «بىز ھەرقانداق شەخس، تەشكىلات ياكى سىياسىي پارتىيەنىڭ خىتاي تېرىتورىيەسىدىن بىرەر پارچە يەرنى ھەرقانداق شەكىلدە بۆلۈۋېلىشىغا ھېچقاچان قاراپ تۇرالمايمىز» دېگەن. ئەمما شى جىنپىڭ سۆزىدە كونكرېت بىرەر دۆلەت ياكى تەشكىلاتنى تىلغا ئالمىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ ھازىر «بىز تىنچلىقنى قەدىرلەيمىز، شۇنىڭدەك تاجاۋۇزچىلىققا ياكى كېڭەيمىچىلىككە ئارىلاشمايمىز» دەۋاتقانلىقىنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ياپونىيە ۋە باشقا بەش دۆلەت بىلەن، جەنۇبتىكى ھىمالايا بويلىرىدا ھىندىستان بىلەن توقۇنۇشۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق بويسۇندۇرۇش ھەققىدە داۋراڭ سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. يېقىندىن بۇيان بولسا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى تېخىمۇ جىددىيلەشكەن ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ كاپالىتى» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خامچوتىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئەمەس، بەلكى كومپارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت