ئۈرۈمچىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قورۇلىرى تېزدىن كۆپەيتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.17

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان سىياسىي كونتروللۇقنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك خەۋەرلەر يەر ئېلىۋاتقاندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بويىچە «لاياقەتلىك» قورۇلارنىڭ كۆپەيتىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

«ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى» نىڭ 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 15-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى دەسلەپكى قەدەمدە باھالاش ئارقىلىق «لاياقەتلىك» بولغان 204 قورۇغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» ۋىۋىسكىسىنى ئاسقان.
ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بۇ قورۇلار يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىغان بولۇپ، قورۇدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق قىلمىش سادىر قىلغان ياكى باشقا جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار كۆرۈلسە مەزكۇر قورۇنىڭ «لاياقەتلىك» ۋىۋىسكىسى بىكار قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن بۇ خىلدىكى خىلاپلىق ھەرىكەتلىرىنى ئورتاق نازارەت قىلىشى لازىم ئىكەن. خەۋەردە بۇ ھەقتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى ئۇنى ئاجىزلىتىشقا بولمايدۇ» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەربىيەسى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا «بۆلگۈنچىلىك دىنى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق» ھەتتا يەنە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك«قىلمىشلىرى ئارتىلىپ ، جازاغا ئۇچرىماقتا ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنماقتا ئىكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ ئۇسۇل ئەمەلىيەتتە چوڭ خىتايچىلىق قىلمىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشقا ئاپىرىدۇ» دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.