خىتاي مىلياردېر گوۋېنگۈي ئامېرىكادىن پاناھلىق تىلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقى قاتارلىق ئىچكى ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش بىلەن تونۇلغان، سۈرگۈندىكى خىتاي مىلياردېر گوۋېنگۈي ئامېرىكادىن پاناھلىق تىلىگەن.

گوۋېنگۈينىڭ ئادۋوكاتى توماس راگلېندنىڭ گېزىتكە قىلغان سۆزىدە گوۋېنگۈينىڭ خىتاي ئەمەلدارلار ھەققىدە ئاشكارىلىغانلىرىنىڭ ئۇنى ھازىر خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي رەقىبىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، ھازىر نيۇ-يورك شەھىرىدە ساياھەت ۋىزىسى بىلەن تۇرۇۋاتقان گوۋېنگۈينىڭ ۋىزا ۋاقتىنىڭمۇ بۇ يىل ئىچىدە توشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، گوۋېنگۈي 2014-يىلى خىتايدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكى ھەققىدە مەلۇماتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قىسىملىرىنى ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئاشكارىلاپ كەلگەن.

ئوبيېكتىپلىقى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» بولسا خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ يىل ئاپرېلدا ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. خىتاي ھەم ئۆزىنىڭ دۆلەت ئاخباراتلىرى ئارقىلىق ئۇنى پارىخورلۇق، ساختىپەزلىك، ئوغرىلىق قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى ئەمما گو ئۆزى ئۈستىدىكى بۇ قارىلاشلارنى رەت قىلماقتا.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار بايانچىسى گوۋېنگۈينىڭ پاناھلىق تىلىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتىشتىن باشقا جاۋاب بەرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت