خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدىكى يولسىزلىقىنى چەكلەش تەشەببۇسىغا دېموكراتلارمۇ ئاۋاز قوشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-08-03
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشى ۋە سودا پائالىيىتىدىكى يولسىزلىقلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر تېزدىن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا كەم كۆرۈلىدىغان ھەمكارلىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن چاك شۇمېر ھەمدە كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتچىلاردىن بولغان باشقا ئىككى ئەزاسى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا تەكلىپ سۇنۇپ «تەكشۈرۈشنى قويۇپ، تېزدىن خىتايغا قارشى سودا پائالىيىتىگە ئۆتۈش» نى تەلەپ قىلدى. بۇ «تەكشۈرۈش» تەكلىپى بولسا دونالد ترامپ خىتايدىن پولات ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش ھەمدە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىنى تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكتىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن خەۋەردار زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشى ھەققىدە مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بىر نوتا تەييارلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىزچىل خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىدىن شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ «بىز سودا مۇھاپىزىتى نامىدىكى ھەرقانداق بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتكە قارشى تۇرىمىز» دېگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت