خىتاينىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىگە سۈزگۈچ سالماقچى بولۇشى خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-08-22
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ماقالىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئىلىم ساھەسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئىلمىي تەتقىقات دۇنياسىغا تور سۈزگۈچى سالماقچى بولۇشى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى باش ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نازۇك» تېمىلاردىن بولغان تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىگە سۈزگۈچ سالماقچى بولۇشى، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى پۇقرالارنى داۋاملىق ھالدا زۇلمەتتە قالدۇرماقچى بولغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىلىدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەرب دۇنياسى خىتاي بىلەن سودا قىلىش-قىلماسلىقنى تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئەمما بىز بىلەن سودا قىلماقچى بولىدىكەن، جەزمەن خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا ھەمدە يوسۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم» دېگەن بايانلىرى ئەمەلىيەتتە غەرب دۇنياسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى باستۇرىدىغان قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشقا قىستىغانلىققا باراۋەر ئىكەن.

بۇ ھال غەرب دۇنياسىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى خىتايغا تەسىر كۆرسىتىش، ئوچۇق ‏-ئاشكارا بولۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە دېموكراتىيە ئىدىيىلىرىنى سىڭدۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بۇ مەسىلىلەر «ئامازون»، «ئالما» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ خىتايدا سېتىلىدىغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىغا سۈزگۈچ سېلىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىنغان ھەمدە بۇنى «تور سۈزگۈچلۈكىنىڭ يېڭى پەللىسى» دەپ ئاتىغان.

«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بولسا، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئەيىبلىنىپ «ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە سۈزگۈچ سېلىش ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت