خىتاينىڭ بىر ئەمەلدارى ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشىلەر» دېدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.08.25

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر ئەمەلدارى جۈمە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك كىشىلەر» دەپ كۆرسەتكەن ھەم خەلقنى «دىنىي رادىكاللار» ۋە ئۇلارنىڭ غەربلىك قوللىغۇچىلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە ئىشەنمەسلىككە چاقىرغان.

بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت سەلەي جۈمە كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە قىلغان.
غەيرەت سەلەينىڭ سۆزى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىسلامى رادىكاللار، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن ئېتنىك خىتايلار ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا نەچچە يۈزلىگەن ئادەم ئۆلگەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ توقۇنۇشنى خىتاينىڭ مەدەنىيەت، دىنىي كونتروللۇقى پەيدا قىلغان ئەندىشە كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى، دىنىي تەربىيە ئېلىشى، ھەج قىلىشى، زاكات بېرىشى، دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى مەنئى قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئانا تىلىنى چەكلىگەن.

قارشىلىق قىلغانلارنى شىددەتلىك باستۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسى ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىپ كەلگەن. بىراق غەيرەت سەلەي ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ «مۇقىم، ئىناق، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى شىنجاڭ» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «نۇرغۇن كىشىلەر يۈرىكىدە دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار شىنجاڭدا، دەپ قارايدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىنى «دىنىي رادىكاللار» بىلەن «غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر» بىرلىشىپ «غەرەزلىك» پەيدا قىلغانىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ، بۇ رايوندىكى نارازىلىق ۋە مۇقىمسىزلىقنى ئۆزىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.