خىتاي كادىر «تۇغقانلار» نىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى ئۇيغۇر «تۇغقانلىرى» نى سىنغا ئېلىش ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.28

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنىدىن ئېتىبارەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تۇققانلىشىش ھەپتىلىكى» دەيدىغان بىر پائالىيەت باشلىتىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن 24 سائەت بىرگە بولۇشى باش تېما قىلىنغان «تۇققانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنى «ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى»، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

دەرۋەقە، بۈگۈن رادىئومىز گۇاڭدوڭ بۆلۈمىنىڭ چۆچەكتىكى بىر خىتاي كادىردىن ئىگىلىشىچە، بۇ كادىرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ-قوپۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنىمۇ سۈرەتكە ئېلىشى ۋە ئۇنى رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. 

26-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىمۇ بۇ ھەقتە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كادىرلارنىڭ ئۆزلىرى چۈشكەن ئۆيلەردە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، جايناماز ۋە «قۇرئان» ساقلاش قاتارلىق ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم شۇنداقلا بۇ غەيرىي ھادىسىنى «ھەممىلا جاينى قاپلىغان گىرەلەشمە نازارەت مېخانىزمىنىڭ شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە بۆسۈپ كىرىشى» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى. 

خەلقئارادىكى تەنقىدىي پىكىرلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «خەلق گېزىتى»، «خىتاي ئاياللار بىرلەشمىسى خەۋەرلەر تورى» قاتارلىق مەتبۇئاتلارمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس شەكلىدە «تۇققانلىشىش ھەپتىلىكى» نى مەدھىيىلەيدىغان ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆڭۈللەرنى ئىللىتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما يۇقىرىدىكى چۆچەكلىك خىتاي كادىر رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي كادىرلارنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىللە تاماق يەپ، ئولتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي «تۇغقانلىرى» نىڭ ئۆيلىرىگە تاماق يېگىلى كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.