خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاش ئىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-09-23
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، تىزىملاش ۋە ئۇلارنى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش ئىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلۇق ھۆكۈمەتلىرىگە قاراشلىق مەھەللە كومىتېتلىرى تەۋەلىكتىكى بارلىق كىشىلەرگە «نوپۇستىكىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش جەدۋىلى» تارقاتقان. تەپسىلاتى ئىنتايىن ئىنچىكە بولغان بۇ جەدۋەل ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردىمۇ تارقىتىلغان.

جەدۋەلدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەدۋەلنى تاپشۇرۇۋالغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئاساسلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى، كۈندىلىك پائالىيەت دائىرىسى، دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى، پاسپورتىنىڭ ئۇچۇرلىرى، ئىلگىرى قايسى دۆلەتلەرگە بارغانلىقى، ئۈچ ئەۋلاد ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تىزىملىكى، مۇقىملىققا چېتىلىدىغان ئەھۋاللىرى شۇنداقلا شەخسىي ماشىنىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بىر-بىرلەپ تولدۇرۇشى لازىمكەن.

جەدۋەلنىڭ يان بۆلىكىدە تولدۇرۇلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مەھەللە كومىتېتلىرى ياكى ساقچى ئورۇنلىرى نومۇر قويىدىغان بىرمۇنچە كاتەكچىلەر بېرىلگەن. بۇنىڭدا جەدۋەل تولدۇرغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ نۇقتىلىق ياكى ئادەتتىكى نوپۇس ئىكەنلىكى، ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچسىز شەخسلىكى، گۇمان ئوبېيكتىنى بېكىتىدىغان 10 تۈردىن قايسى تۈرگە چۈشىدىغانلىقى بەلگە قويۇش ئارقىلىق ئايرىلىدىكەن.

يېقىندا خىتاي مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ خىتاي ساقچى دائىرىلىرىدىن يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ «مۇقىملىق» قا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ جەدۋەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يەرلىك خەلقنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ كومپيۇتېردا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ چىقىشى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ جىددىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدا ئاساسلىق ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت