«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» خىتاينىڭ يېڭى «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى» نى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى» تەنقىد قىلدى.

باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنى ئېتىقاد بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىش بىلەن تەنقىد قىلىپ، «بۇ يېڭى نىزام خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنى ‹دۆلەتنىڭ دۈشمىنى› دەپ قارايدىغانلىقى نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى» نى ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىدا تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.

مەزكۇر نىزام 2018‏-يىلى 1‏-فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دىنغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق پائالىيەتلەر ھەققىدە كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. يېڭى نىزامدا دىنىي گۇرۇھلار ۋە شەخسلەر، ئۇلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، دىنىي سورۇنلار، زاكات يىغىش، دىنىي تەربىيە، دىنىي مەكتەپ، دىنىي يىغىلىش، توردا دىنىي تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىش، دىنىي تەبلىغ، چەتئەلدىكى دىنىي كۇرس ياكى دىنىي يىغىنلارغا قاتنىشىش قاتارلىق دىنغا چېتىشلىق بولغان بارلىق ساھەلەر تېخىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

يېڭى نىزامدا يەنە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىنىڭ سىرتىدىكى بەزى دىنىي گۇرۇھلار ۋە شەخسلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن.

باياناتتا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر قاناتنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك ئاز سانلىقلار، ئۆكتىچىلەر ۋە دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇلارنى دۆلەت ئۈچۈن بىر رىقابەت دەپ قاراۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىك نىزاملىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنغا ئىشەنگۈچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرغان.

بىراق، بۈگۈن خىتاي دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن «خەلق گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، يېڭى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىنى ئاقلىغان.

ئۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ دىننى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، خىتايغا سۇقۇنۇپ كىرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يېڭى نىزامنىڭ ئىنتايىن ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت