د ئۇ ق، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسلام قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلارغا دىنىي رادىكاللىق قالپىقى كىيدۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.11.29

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىيومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىنىي رادىكاللىق قالپىقى كىيدۈرۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئەمەلدارى ۋاڭ زو ئەننىڭ 26-نويابىر بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا غەرەزلىك ھالدا دىنىي رادىكال قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ۋاڭ زوئەن خىتاينىڭ 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا رايوندىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پروگراممىمىزنىڭ داۋامىدا بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرىمىزنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.