خىتاينىڭ ھەجنى چەكلىشى ئۇيغۇرلارنى ھەج قىلىشنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-01
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

«ئوتتۇرا شەرق كۆزى» ناملىق تور گېزىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەجنى چەكلىشى ئۇلارنى ھەج قىلىشنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلىپ كەلگەنلىكىنى  بىلدۈردى.

30‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ھەجنى باستۇرۇشى: ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشەققەتلىك ھەج سەپىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 1970‏-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەجنى ئىزچىل كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ماقالىدا قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەج قىلىشنى قاتتىق چەكلىشى، ئۇيغۇرلارنى يېقىنقى 30،40  يىلدىن بۇيان ھەج قىلىشنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان.

ماقالىدا  2016‏-يىلى ھەجگە بارغان ئايشە ئىسىملىك 16 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ كەچۈرمىشىنى تونۇشتۇرۇپ، ئايشەنىڭ  2016‏-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان دادىسىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن ھەج قىلغانلىقى، بىراق ئۇلار ھەجدىن كېيىن يۇرتىغا بارسا، دائىرىلەرنىڭ دادىسىنى سولاپ قويۇپ، پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىقى، ئايشەنىڭ دەرھال تۈركىيەگە قېچىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئايشە بۇ ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بىردىن بىر كىشى ئەمەس» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدا قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار  ئۇيغۇر رايونىدا كۆپ سانلىق نوپۇسنى تەش قىلسىمۇ، بىراق ساياھەت قىلىش ۋە دىنىي ئىبادەت ئىشلىرىدا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەن.

دائىرىلەر يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى مۇسۇلمانلارنى ھەج قىلىشقا تەشكىللىسىمۇ، بىراق ئۇ، ھاجىلارغا قاتتىق سىياسىي ئۆلچەم قويۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى كونترول قىلىپ كەلگەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل خىتايدىن 12800 مۇسۇلمان ھەجگە بارغان. ئۇلارنىڭ 20% نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان.

بەزى خەۋەرلەردە، ھەج ئۆمىكىدىكى كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ھاجىلارنى قاتتىق تەقىب قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن سۆزلىشىشىنى چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت