كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى چېكىنىش ئۈستىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

بۈگۈن كانادانىڭ «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە تەييارلىغان بىر ئىچكى دوكلاتىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ سەلبىي يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دوكلاتتا «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كېيىنكى ئىككى يىل مابەينىدە ئىزچىل چېكىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئارتقان، ئاخبارات ۋە ئۆكتىچى پىكىرلەرگە بولغان باستۇرۇش كۈچەيگەن. ئومۇمەن، بۇ جەھەتتىكى يۆنىلىش سەلبىي تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن» دېگەن باھالار يەر ئالغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دوكلاتتا خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان 49 نەپەر تور يازغۇچىسى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھۋالى، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تەقىب ۋە تەھدىتكە ئۇچرىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە خەۋەر يازغاندىن كېيىن خىتايدىن قوغلانغان فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ۋەقەسى تەپسىلىي بايان قىلىنىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەت  ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە، خىتايدىكى سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار يەر ئالغان ئىكەن.

كانادا پرېزىدېنتى جۇستىن تىرىدۇ ئىلگىرى قىلغان بايانلىرىدىمۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغان. بۇنىڭ ئەكسىچە 2016-يىلى كانادانى زىيارەت قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئوتتاۋادا ئۆزىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىغان مۇخبىرغا ئاچچىقلىنىپ كەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت