خىتاينىڭ شىنجېن شەھىرىدە ئۇيغۇرغا ياتاق بەرگەن مېھمانخانا دىرېكتورى جازالانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.10.09

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى شىنجېن شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرگەن بىر مېھمانخانا دىرېكتورى «ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلدى،» دەپ جازالانغان.

مېھمانخانا خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ دىرېكتورىغا 15 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلغان. شېنجىن شەھىرىنىڭ خوڭكوڭغا چېگرىداش لوۋۇ رايونىدىكى مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ بىر نۆۋەتچى خادىمى بۈگۈن رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ساقچىلارنىڭ مېھمانخانىغا جەرىمانە قويغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئۇ، «يەرلىك ساقچى پونكىتىنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىسى بويىچە بىز شىنجاڭدىن كەلگەن يولۇچىلارغا ياتاق بەرگەنلىكىمىز ئۈچۈن جەرىمانە تۆلىشىمىز كېرەك،» دېگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىك كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن يولۇچىلارغا ياتاق بېرىش چەكلەنگەن. ئۇ، «ھەممە ئادەمنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. ھەممە مىللەتنىڭ ئىچىدە يامان ئادەم بار. بىراق ساقچىلارنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن يولۇچىلارنى قوبۇل قىلمايسىلەر، دېگەن ئۇقتۇرۇشى بار،» دېگەن.

شىنجېن شەھىرىنىڭ فۇتيەن رايونىدىكى بىر پار مۇنچىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، خېرىدارلارنىڭ كىملىك كىنىشكىسىغا قاراپ مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ، «خېرىدارلار چوقۇم تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. بىز شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بولسا قوبۇل قىلمايمىز. لېكىن شىنجاڭلىق خىتاي بولسا مۇلازىمەت قىلىمىز،» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، تىزىمغا ئالدۇرغان ھەرقانداق خېرىدارنىڭ ئۇچۇرى دەرھال يەرلىك ساقچى پونكىتىغا يېتىپ بارىدىكەن. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدىكى بەلگىلىمىنىڭ خىتاي مىقياسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، گۇاڭجۇ، جېڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇقرالارنىڭ ئېتنىك ياكى دىنىي كىملىكىگە قاراپ مۇلازىمەت قىلىش خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئىكەن. ئۇلار، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ چوڭايتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.