دائىرىلەر 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا 60 مىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى» قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.06.27

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە، «يېزىلاردا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى يېزىلاردىكى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 60 مىڭ نەپەر «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى» قوبۇل قىلغان.

مەزكۇر خەۋەرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى، مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئانا-تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتتىن ياتلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش دېگەن ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلىنىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئاتا-ئانىلاردا ئەنسىزلىك، نارازىلىق قوزغاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى يەنە بىر قېتىم دىققەت قوزغىدى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، نۆۋەتتە مەلۇم ياۋروپا دۆلىتىدە ياشاۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر 2000-يىلى باشلىغان «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى، 2009-يىلدىن كېيىن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تېزلىكتە كېڭەيتكەن. 2009-يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنى كۆپەيتىش،مىللىي مەكتەپلەرنى خىتاي مەكتەپلەرگە قوشۇۋېتىش، مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى «خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى» دېگەندەك باھانىلەردە قىسقارتىش، يېزىلاردا قوش تىللىق ھەقسىز يەسلىلەر نى كۆپەيتىش يوللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى ئاساسەن ئورۇنلاپ بولغان.

بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە قارىتا، ئۇيغۇرلاردىن باشقا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە توسۇشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.