خوتەندىكى ئەمەلدار ۋە مەمۇرلارنى جىددىي تۈردە خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خوتەن ۋىلايىتى ھېلىھەم ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇستىكى ئۈستۈنلۈكى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋىلايەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى جۇغراپىيەلىك جايلىشىش جەھەتتىن چەت ۋە يىراق رايون ھېسابلىنىدىغانلىقى، تەبىئىي ئىقلىمىنىڭ قۇرغاق، بوستانلىق كۆلىمىنىڭ تار، يەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى قويۇق بولغانلىقى شۇنداقلا سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر رايون دەپ قارالغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى كۆچمەن خىتاي نوپۇسىنى يەرلەشتۈرۈشتە ئەڭ زور قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقان جاي ھېسابلىنىدىكەن.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلار قاتلىمى بىلەن مەمۇرىي خادىملارنىڭ نىسبىتىنى جىددىي رەۋىشتە خىتايلاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«خوتەن گېزىتى» نىڭ 23-ئىيۇلدىكى بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان 42 نەپەر يېڭى مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلغان. ئۇلار خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا كاتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرى، مالىيە خادىمى، ئۇچۇر مۇلازىمەت خادىمى ۋە ئىختىساس ئىگىسى سۈپىتىدە خىزمەتكە قويۇلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىپ، يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلىدىغان يۇقىرىقى 42 نەپەر نامزاتنىڭ 40 نەپىرى خىتاي، پەقەت 2 نەپىرىلا ئۇيغۇر ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسى پۈتۈن ۋىلايەت نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان خوتەن ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەت مەمۇرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە، چىرا، نىيە، لوپ، خوتەن ۋە گۇما قاتارلىق جايلىرىدىكى مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ زور دەرىجىدە خىتايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نىسبىتى ئۈچتىن بىر ئۆلۈشنىمۇ ئىگىلىيەلمىگەن.

خەلقئارادىكى سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ ئەھۋال ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزى تۈزگەن «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دىكى يەرلىك كادىرلارنىڭ نىسبىتى ھەققىدىكى ماددىلارغىمۇ پۈتۈنلەي خىلاپ كېلىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت