خىتاي ھۆكۈمىتى «بىڭتۇەن» نى زىيارەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن چەتئەلدىكى خىتاي مەتبۇئات خادىملىرىنى ئېلىپ كەلگەن
2017.11.05
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پۈتۈن يېزا-قىشلاقلىرىغىچە بولغان ھەر ساھە ۋە ھەر قاتلامدا شى جىنپىڭ ئىدىيىسىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي مەتبۇئات-تەشۋىقات دائىرىلىرى مەخسۇس چەتئەللەردىكى بىر قىسىم خىتايچە ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرى ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ بىر قانچە دېۋىزىيەلىرىنى زىيارەت قىلدۇرغان.
«خىتاي ئۇچۇر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق 16 دۆلەتتىكى 18 خىتاي تىلىدىكى مەتبۇئات ئورگىنىنىڭ بىر قىسىم مۇخبىرلىرى «ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى» نىڭ 6-، 8-، 10-، 12-دىۋىزىيەلىرىنى زىيارەت قىلىپ، «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى» ۋە ئاشۇ دېۋىزىيەلەر جايلاشقان جايلارنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى، مائارىپ ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىكى تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن تونۇشقان.
خەۋەردە چەتئەللەردىكى مەزكۇر خىتاي تىلىدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېنىق ئېيتىلمىغان. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى دۇنيادىكى مۇھىم خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلارنىڭ، مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە
ژۇرنالىستلارنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلىشى ھەمدە ئاگېنتلىقلارنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ مۇقىم تۇرۇپ، نەق مەيدان خەۋەرلىرىنى بېرىشىدىن چەتتە قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، فرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گۇئاتېر ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇپ، 2015-يىلىدىكى باي ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان، يەكەننىڭ ئىلىشقۇ يېزىسىغا بېرىپ، 2014-يىلىدىكى ئىلىشقۇ ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىغان كانادالىق بىر مۇخبىرىنىڭ ماتېرىياللىرى يىغىۋېلىنغان ئىدى.