خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلغان يەنە بىر چوڭ ئەمەلدارىمۇ خىيانەتچى چىقتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-05-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر رايونىنى ئىگىلەپ ياتقان خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ سابىق قوماندانى ليۇ شىنچى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

تېڭشۈن قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ليۇ شىنچىنىڭ پارتىيىدىن قوغلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، ئۇنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئائىلە ئەزالىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈش، ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ سودا ۋە قۇرۇلۇشلاردىن پارا ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ئالدىنقى يىلقى بىر ئاقتاشلىق كىتابىدا مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خىزمەت قىلغانلىقى ھەققىدە مەدھىيەلەر يېزىلغان. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى خىتاي خەلقى ئالدىدا خىتاينىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان قىلىپ ئاقلاۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بوداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ليۇ شىنچىنى بۇنداقلارنىڭ پەقەت بىر مىسالى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خىتاي خەلقىنى ئۆز ئەمەلدارلىرىنىڭ نىيىتىنى چۈشىنىشتە ئاقىلانە بولۇشقا دەۋەت قىلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت