خوڭكوڭدىكى مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ سابىق تەھرىرىنىڭ پىچاقلىنىشى خوڭكوڭلۇقلارنى قاتتىق نارازى قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.02.27

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىش بىلەن تونۇلغان تەھرىرى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان.

بۇ ۋەقە خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چېكىنىشىگە بولغان نارازىلىقنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. كېۋىن لاۋغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۈندۈز ۋاقتى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە بىرەر شاھىت تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغان. خوڭكوڭ ساقچىلىرى جىنايەت سەۋەبىنى ئېنىق بېكىتمىگەن، ئەمما بىر قىسىم يەرلىك گېزىتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ساقچىلىرى جىنايەت مەيدانىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن جىنايەتنىڭ كېۋەن لاۋنى ئۆلتۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى ئۇنى قورقۇتۇش، ھەيۋە قىلىش مەقسىتى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان.

كېۋىن لاۋ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايغا يېقىن دەپ قارىلىدىغان بىر تەھرىر قويۇلغان. يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا مىڭلىغان كىشى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ ئاخباراتىدا چوڭ قۇرۇقلۇق ھۆكۈمىتى تەسىرىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەندە، دەل مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ تەھرىرى كېۋىن لاۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ۋەقەنىڭ مانا بۇ نامايىشتىن كېيىنلا يۈز بېرىشى مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ كېۋىن لاۋغا شەخسى ئۆچ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ سىمۋولى بولغانلىقى ئۈچۈن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى گۇمانلارنى ئاشۇرغان. مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ھەممىسى قارا رەڭلىك كىيىم كىيىپ ۋەھشىيلەرچە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن. مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ خوڭكوڭ ئىشخانىسى ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. خوڭكوڭ ژۇرنالىستلار ئۇيۇشمىسىمۇ يەكشەنبە كۈنى يەنە نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خوڭكوڭ ئەنگلىيەدىن قايتۇرۇۋېلىنغاندا خوڭكوڭلۇقلارغا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋەدە قىلىنغان، ئەمما خوڭكوڭلۇقلار ئەركىنلىكىنىڭ كۈنسايىن ئىلگىرىلەپ قامال قىلىنىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا. دەرۋەقە، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدىن قارىغاندا، خوڭكوڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى بويىچە 2002-يىلى دۇنيادا 18-ئورۇندا تۇرغان بولسا، 2014-يىلىغا كەلگەندە بولسا كەينىگە چېكىنىپ 61-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.