خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى
2014.10.21
21-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 2 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە «پرىنسىپال مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان قاراش مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئورتاق نۇقتىلار بارلىققا كەلگەن» لىكى تەكىتلەندى. ئەمما نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا «سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى»نى بىلدۈرگەن.
رادىئويىمىزنىڭ خوڭكوڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتىن كېيىن خوڭكوڭدىكى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى دائىرىلەر قوبۇل قىلمىغاچقا، سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
21-ئۆكتەبىر كۈنى خوڭكوڭ نامايىشى 24-كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، نامايىشنىڭ تەرەققىياتى ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتى يەنىلا خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.