خوڭكوڭ ساقچىلىرى يەنە 9 نەپەر دېموكراتىيە پائالىيەتچىسىنى تۇتقۇن قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.04.27

خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى يەنە 9 نەپەر دېموكراتىيە پائالىيەتچىسىنى تۇتقۇن قىلغان. رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۆتكەن يىلى نويابىردا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى سىرتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى سايلامغا ئارىلىشىشىغا قارشى نامايىش قىلغان پائالىيەتچىلەر ئىكەن.

تېخى بىر كۈن ئاۋۋال، خوڭكوڭ ساقچىلىرى خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان، لېكىن قەسەم مۇراسىمىدا خىتاي دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھەققىدىكى قېلىپلاشقان قەسەمنامىنى ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن پارلامېنتقا كىرگۈزۈلمىگەن ئىككى نەپەر ياش پائالىيەتچىنى قولغا ئالغان ئىدى. دائىرىلەر بۇ ھەرىكىتىگە بۇ ئىككى ياش «قانۇنسىز تەشكىللىنىپ، پارلامېنت زالىغا بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇندى» دېگەننى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن.

يۇقىرىدا قولغا ئېلىنغان 9 نەپەر پائالىيەتچىنىڭ بىرى 23 ياشلىق دېرىك لەم باشقىلارنى جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇ كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەندە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق قولغا ئېلىشلار ئارقىلىق خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ياقىلىغۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى قورقۇتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغاندا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇپ، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دوكلاتلىرىدا خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىنىڭ يىلدىن-يىلغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى يۇقىرىدىكى ئون بىرەيلەنگە ئارتىلغان جىنايەتنى تولۇق بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.