خوتەن ۋىلايىتىدە يەنە 327 نەپەر كادىر بىر تەرەپ قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.04.20

خوتەن گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە يەنە 327 نەپەر كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. خەۋەردە، يۇقىرىدىكى بۇ كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىدا مەسىلە بارلىقى، خىزمىتىدە ساختىپەزلىك قىلغانلىقى، قانۇنغا ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈش خىزمىتى خوتەن ۋىلايەتلىك مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقاندا يۇقىرىدىكى بۇ كادىرلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشتىكى پوزىتسىيىسى سەۋەبلىك بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خوتەن ۋىلايىتى تېخى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىلا 14 كادىرنى مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدە ئاكتىپ بولمىدى دېگەن سەۋەب بىلەن خىزمىتىدىن قالدۇرۇپ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ ئاينىڭ بېشىدا يەنە 97 نەپەر كادىرنىمۇ ئوخشاش سەۋەب بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندىن بۇيان پارتىيەلىك كادىرلار ئىچىدىن «ئىككىيۈزلىمىچى» شەخسلەرنى تېپىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاساسەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ سىياسەتلەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.