خوتەن ۋىلايىتى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تارتىپ چىقىرىش» بويىچە مىليون كىشىلىك كادىر ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئاچقان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.13

خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق يەرلىك ھۆكۈمەت تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تارتىپ چىقىرىش، چىۋىن ۋە گېزەندىلەرنى تازىلاش، ئىستىل تۈزىتىپ ئىنتىزامنى ساقلاش» دېگەن نامدا ۋىلايەت بويىچە مىليون كىشىلىك كادىر ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئاچقان.

يىغىنغا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، ئوتتۇرا سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل كادىرلارنىڭ ھەممىسى قاتناشتۇرۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يېقىندىن بۇيان خوتەن ۋىلايىتىدە «مۇقىملىق» بويىچە ئېچىلغان ئەڭ چوڭ يىغىنلارنىڭ بىرى ئىكەن. شۇ كۈنى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيىلەرمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۆز تەۋەسىدىكى ئەمەلدارلارنى يىغىپ شۆبە يىغىن مەيدانى تەشكىل قىلغان ئىكەن.

يىغىندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى نيۇ شۆشىڭ سۆز قىلىپ، «مىليون كىشىلىك بۇ ھەرىكەت بىرىنچىدىن، مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجىدىن بولسا، ئىككىنچىدىن، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش زۆرۈرىيىتى بولدى،» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خوتەن ۋىلايىتى قوزغىغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بويىچە سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر رايون ھېسابلانغان خوتەندە يەنە بىر قېتىم چوڭ «تازىلاش» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.